• باشبەت
  • باشبەت

    مەزمۇن كۆرۈش بىتى

    جۇڭگوئارمىيىسى كەشمىر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزماقچىمۇ؟

      يوللانغان ۋاقىت : 2011-04-11 مەنبە : يېشىل تور بىكىتى ئاۋاتلىقى :   قېتىم
              
      كصچصك | نورمال | چوڭ

    جۇڭگوئارمىيىسى كەشمىر رايونىدا قوشۇن تۇرغۇزماقچىمۇ؟

     

    جۇڭگو يەر شارى تورى خەۋىرى: ھىندىستان ئاراخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك قوماندانى «جۇڭگو تەھدىتى» دېگەن سۆزنى كۆتۈرۈپ چقىرىپ، جۇڭگو ھىندىستان بىلەن چېگىرلىنىدىغان رايوندا ھەربىي ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى كۈچەيتىپلا قالماستىن، ھىندىستان پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول قىلىش سىزىقىنىڭ پاكىستان كونتروللىقىدىكى تەرەپتە قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ ھىندىستاننىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىد پەيدا قىلدى دېگەن.
    «ھىندى ۋاقىت گېزىتى» ۋە «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 4-ئاينىڭ 6-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھىندىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى شىمال قوماندانلىق شىتابىنىڭ قوماندانى پانىك گېنرالنىڭ  ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر مۇزاكىرە يىغىنىدا كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان جۇڭگونىڭ ھىندىستان پاكىستان كەشمىر ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ  قوشۇن تۇرغۇزۇش تەھدىتىگە دۇچ كېلىپلا قالماي، جۇڭگو بىلەن پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ ھەربىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئويلاشقاندا، بۇ خىل تەھدىد يەنە ھىندىستان پاكىستان ئەمەلىي كونترول سىزىقىنى بويلاپ ئۇزىرىشى مۇمكىن دېگەن.
    خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، جۇڭگو چېگرا رايونىدا زور مىقداردا ھەربىي ئەسلىھە قۇرغان، بىرلا ۋاقىتتا تولۇق ئسىپاتلار «جۇڭگونىڭ قەدىمى پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇش تۈرىگە قەدەر ئۇزۇراپ كەلگەن» لىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. خەۋەردە بۇنىڭغا قارىتا باھا بېرىپ، بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە ھەمىشە سىر ساقلايدىغان ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ «جۇڭگو پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىردە قوشۇن تۇرغۇزماقچى» دەپ جاكارلىشى بىرىنچى قېتىملىقى ئىكەن.
    پانىكنىڭ ئېيتىشىچە، پاكىستان قوراللىق كۈچلىرى پاكىستاننىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، پاكىستان كونتروللىقىدىكى كەشمىر رايونىدا تېز سۈرئەتتە يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە ھىندىستاننى قورشاپ، ھىندىستاننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىد سالىدىكەن.
    ھىندىستان ئاخباراتلىرى ۋە ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ پاكىستاندا قوشۇن تۇرغۇزماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى بىرىنچى قېتىم جاكارلىشى ئەمەسكەن، غەرب ئاخباراتلىرىمۇ بۇ خەۋەرگە ئوخشاش خەۋەر قىلغان، ئەمما جۇڭگو تەرەپ رەددىيە بەرگەن، پاكىستان تەرەپمۇ ئىنكار قىلغان.