روسىيەنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارى گرۇزىيە ئاخبارات خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ئۆلدى

جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاپرېل خەۋىرى: روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاخبارات مەركىزى 8-ئاپرېل دېيىشىچە، روسىيە چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىمى 8-ئاپرېل ئافغازىيە رايونىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقاندا ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئۆلگەن. چېگرا مۇداپىئە قىسىمىنىڭ پودپولكوۋنىك دەرىجىسىدىكى ئەمەلدارى ئۆلگەن بولۇپ، گرۇزىيە ئىچكى ئشىلار ئاخبارات رازۋېتكا خادىمى دېيىلگەن 2 نەپەر ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ تاشلانغان.
روسىيە تاس ئاگېنتلىقى روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى ئاخبارات مەركىزىنىڭ ئۇچۇرىنى نەقىل قىلىشىچە، روسىيە فېدراتسىيە بىخەتەرلىك ئىدارىسى چېگرا مۇداپىئە ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچى خادىمى ئافغازىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ گالىسكاي (Galsky) رايونىدا رازۋېتكا ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىپ، يەرلىكتىكى تاشلاندۇق ئۆينى تەكشۈرگەندە قوراللىقلار ئاپتومات بىلەن چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارىنى ئېتىپ تاشلىغان.
ئىككى تەرەپ قوراللىق ئېتىشىشتا، ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ تاشلانغان. ئافغازىيە بىخەتەرلىك ئورگىنى ئىككى ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ۋە باشقا ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان، بۇ ئىككى ئادەم گرۇزىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ رازۋېتكا بۇزغۇنچىلىق گۇرۇپپىسىنىڭ خادىمى ئىكەن. ئېرىشكەن ئۇچۇرلاردىن ئۇلارنىڭ ئافغازىيە رايونىدا ئاخبارات ھەركىتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان بولۇپ، بۇزغۇنچىلىق ھەركىتى قوزغاشقا تەييارلانغان بولىشى مۇمكىن ئىكەن.
مەنبە : ئوكيان تورى