• باشبەت
  • باشبەت

    مەزمۇن كۆرۈش بىتى

    لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى بىلەن قازافى قىسىملىرى مىسۇراتادا كەسكى

      يوللانغان ۋاقىت : 2011-04-09 مەنبە : يېشىل تور بىكىتى ئاۋاتلىقى :   قېتىم
              
      كصچصك | نورمال | چوڭ

    لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى بىلەن قازافى قىسىملىرى مىسۇراتادا كەسكىن ئېتىشتى

     

     


    جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 9-ئاپرېل خەۋىرى: چەتئەل ئاخباراتلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لىۋىيەنىڭ ئۈچۈنچى چوڭ شەھىرى مىسۇراتادا، قازافى قىسىملىرى بىلەن لىۋىيە توپىلاڭچىلىرى كەسكىن ئۇرۇش قىلغان، 4 پۇقرانىڭ قازا قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. مىسۇراتا پايتەخت تىرىپولىنىڭ شەرقىگە 215 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئىككى تەرەپ مىسۇراتادا ئۇرۇشقىلى 40 كۈندىن ئاشقان. ئالدىنقى ھەپتە دوختۇرنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان مىسۇراتادا 200 ئادەم قازا قىلغان.

     


     
    ب د ت نىڭ كاتىپى بان كىمون بايانات ئېلان قىلىپ، مىسۇراتا قاتارلىق لىۋىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ھەربىي زەربە سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇدا ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغانلىقتىن، مىسۇراتادىكى شەھەر ئاممىسى پۈتۈنلەي قاپسىلىپ قالغان، سۇ، يېمەكلىك ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىغا ئېرىشمىكى ناھايىتى تەس ئىكەن. بان كىمون پۇقرالارغا زىيانكەشلىك قىلىش قىلمىشىنى دەرھال توختىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان
     
     

    لىۋىيە ئۇرۇش ۋەزىيىتى قاتمال ھالەتتە تۇرۇۋاتقاندا، لىۋىيە كىرزىسىدە مۇھىم رول ئويناشنى ئۈمىد قىلغان تۈركىيە ھۆكۈمىتى 7-ئاپرېل قازافى ۋە توپىلاڭچىلارغا «تىنچلىق يول خەرىتىسى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇرۇش توختىتىش ۋە سىياسىي ئىسلاھات لاھىيىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ، لىۋىيەدىكى مالىمان ۋەزىيەتنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان.

     

     


    تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان 7-ئاپرېل ئەنقەرەدە بىلدۈرىشىچە، تۈركىيە بۇ ھەپتە «تىنچلىق يول خەرىتىسى» ئۈچۈن قازافى ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشقان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەقىقىي ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى تېزراق ھاسىل قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان. ئەردوغاننىڭ ئاشكارلىشىچە، بۇ تىبچنلىق لاھىيىسى 3 مۇھىم مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن: بىرىنچى ئىككى تەرەپ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش، قازافى قورشىۋالغان شەھەرلەردىن چېكىنىپ چىقىش، ئىككىنچى، لىۋىيە خەلقىگە «ئىشەنچىلىك ئىنسانپەرۋەرلىك بوشلۇقى» ياردىمى تەمىن ئېتىدىغان يول قۇرۇش، ئۈچۈنچى، لىۋىيە خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئاساستا، «ئومۇمىي خەلق ئىسلاھات مۇساپىسى» نى دەر ھال ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.

     

     


    ئامېرىكا مالىيە مىنىستېرلىكى 8-ئاپرېل لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش مىنىستىرى قاتارلىق 5 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارنى جازالايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئامېرىكا مالىيە مىنىستېرلىكى 8 -ئاپرېل ئېلان قىلغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، جازالاش ئوبيېكتى قىكىنغان ئەمەلدارلار لىۋىيەنىڭ باش مىنىستىرى باغدادى ئەلى مەھمۇدى، نېفىت مىنىستىرى قوشۇمچە لىۋىيە دۆلەتلىك نېفىتلىك شېركىتىنىڭ لىدىرى غەنىم ۋە لىۋىيەنىڭ پۇل-مۇئامىلە، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئىشلارغا مەسئول ئەمەلدارلار ئىكەن. بۇ ئەمەلدارلارنىڭ مال-مۈلكى توڭلىتىلغان، بىرلا ۋاقىتتا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۇلار بىلەن سودا باردى-كەلدىسى قىلىشىنى چەكلىگەن.

     

    مەنبە : ئوكيان تورى