• باشبەت
  • باشبەت

    مەزمۇن كۆرۈش بىتى

    ئىران يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قايتىدىن يادرو يېقىلغۇسى ق

      يوللانغان ۋاقىت : 2011-04-10 مەنبە : يېشىل تور بىكىتى ئاۋاتلىقى :   قېتىم
              
      كصچصك | نورمال | چوڭ

    ئىران يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا قايتىدىن يادرو يېقىلغۇسى قاچىلىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى

     


    شىنخۇا تورىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرى: ئىران دېپلوماتىيە مىنىستىرى سالىھ 9-ئاپرېل ئىراننىڭ تۇنجى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى بۇشېل يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىغا يادرو يېقىلغۇسى قاچىلاشنى قايتىدىن باشلىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن.
    ئىران ئاخبارات تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى سالىھنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلغان خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇشېل يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ رېئاكتورى 5-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا كىرىتك ھالەتكە كىرىدىكەن.
    روسىيە ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئېكىسپورت شېركىتى 8-ئاپرېل بىر قاتار تەكشۈرۈش باسقۇچى ھەمدە ئالاقىدار تۇربا يولى ئەسلىھەلىرىنى تازىلاشنى تاماملىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، مەزكۇر شېركەتنىڭ ئىراندىكى تېخنىك خادىملىرى بۇشېل يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو رېئاكتورىغا يادرو يېقىلغۇسى قاچىلاشقا باشلىغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇشېل يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ يادرو رېئاكتورىنىڭ يادرو يېقىلغۇسىنى ۋاقتىنچە ئېلىۋېتىش يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى زۆرۈر تەدبىر ئىكەن، چۈنكى روسىيە تېخنىكلىرى بىر قىسىم كىچىك مېتال پارچىلىرى يادرو ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ سوۋۇتۇش سىستېمىسىغا كىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.
    ئىران پىرىزدېنتى ئەخمەد نىجاد 9-ئاپرېل بىلدۈرىشىچە، ئىران ئۆزىنىڭ يادرو تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئىقتىدارى ۋە يوشۇرۇن كۈچىدىن پايدىلىنىپلا قالماي، يادرو تېخنىكىسىنى يەنە ئېكىسپورت قىلىشى كېرەك ئىكەن.
    ئەخمەد نىجاد 9-ئاپرېل ئىران يادرو تېخنىكىسى خاتىرلەش مۇراسىمىدا سۆز قىلغاندا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران يادرو تېخنىكىسىغا «قوش ئۆلچەم» قوللانغانلىقىنى ئەيىبلىگەن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىران يادرو پىلانى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، ئىران يادرو تېخنىكىسى جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋاپىقىيىتى ئىراننىڭ جازالاش ۋە تەھدىدلەرگە تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دېگەن.

     

    مەنبە : ئوكيان تورى