مىسىر تەھرىر مەيدانىدا يەنە توقۇنۇش يۈز بەردى جۇڭگو خەلق تورىنىڭ 10-ئاپرېل خەۋىرى: مىسىر قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئەڭ ئالىي كومىتىتى 9-ئاپرېل نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىپ نامايىشچىلارنى تارقىتىۋەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان ھەمدە قارانچۇق ھۆكۈمەت باش مىنىستىرى شېرىف (Essam Sharaf) نىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرنىمۇ ئىنكار قىلغان. 4-ئاينىڭ 8-كۈنى جۈمە كۈنىدە، قاھىرەنىڭ تەھرىر مەيدانىدا مىليون كىشىلىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن، نامايىشچىلارنىڭ مەقسىتى «مۇبارەكتىن ھېساب ئېلىش» ئىكەن. مىليون كىشىلىك نامايىشنى مىسىر ياشلار ئىتتىپاقى قوزغىغان بولۇپ، ئىنقىلاب مېۋىسىنى قوغداشنى ۋە مۇستەھكەملەشنى مەقسەت قىلغان. مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، مىسىردا نامايىش قىلچىمۇ ئازلىمىغان ياكى ئاجىزلاپ قالمىغان، ھەر جۈمە كۈنى دېگۈدەك ھەر خىل نامدىكى يىغىلىش بولۇپ تۇرغان. ئالدىنقى جۈمە كۈنىمۇ مىليون كىشىلىك نامايىشقا چاقىرىق قىلىنغان بولۇپ، تېمىسى «ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇش» بولغان، نامايىشچىنى تەشكىللىگۈچى جۇڭگو خەلق تورىنىڭ مۇخبىرىغا «ئىنقىلابنى قۇتقۇزۇش» نامايىشى ئىنقىلابنىڭ مېۋىسىنى قوغداش بولۇپ، ئىنقىلابنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن ئىكەن. مىسىرلىقلار، بولۇپمۇ ياشلار نامايىش ئارقىلىق مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەركىتىدە مەمنۇن بولغاچقا، ئۇلار ھازىر ئازراق ئىش بولسىلا داۋاملىق ئىش تېرىيدىغان، نامايىش قىلىدىغان بولغان. ھازىر مىسىردىكى نۇرغۇن ئىدارىلەر ھەمىشە ئۆزى نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە جىمجىت ئولتۇرۇۋېلىش قاتارلىق پائالىيەتلەر ئارقىلىق، ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ياكى يۇقىرى رەھبەرلىكنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى ياكى ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ، مۇئامىلىسىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىدىغان بولغان. ھەل قىلغۇچ يېرى بولسا، نۇرغۇن مىسىرلىقلار ئىنقىلاب غەلبە قىلمىدى دەپ قارىغان، چۈنكى مۇبارەك بىر قوللۇق تەيىنلىگەن ياكى ئۆستۈرگەن ھەربىي رەھبەرلەر يېنىلا ۋەزىپىسىدە ئولتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇلار ھازىر مىسىرنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانى بولۇپ قالغان. مۇبارەككە ئائىت ھەر خىل ئۇچۇرلار بولۇپ، بەزىلەر مۇبارەك شام شەيىختە بولۇپ، ھەر ھەپتىدە تەنتاۋىيغا ئىككى قېتىم تېلىفۇن قىلىپ، مىسىرنىڭ سىياسىي مۇساپىسىغا قوماندانلىق قىلىدىكەن دېگەن، بەزىلەر مۇبارەك سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەتتى، سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر ھەربىي بازىدا داۋالىنىۋاتىدۇ دېگەن، بەزىلەر مۇبارەك گېرمانىيەگە داۋالانغىلى كەتتى دەپ قارىغان. ھەربىي تەرەپ كۆپ قېتىم بىلدۈرۈپ، مۇبارەكنىڭ مىسىردىن كەتكەنلىكىنى ئىنكار قىلغان. غايەت زور بېىسم ئالدىدا، مىسىر ئارمىيىسى سىياسىي مۇساپىسىنى تېزلەتكەن، ھاكىمىيەتنى خەلققە قايتۇرۇپ بېرىشكە ۋەدە بەرگەن، بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، مۇبارەك بىلەن مۇناسىۋىتى ئۈزگەن، مۇبارەك ۋە ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى تەكشۈرۈشكە رۇخسەت قىلغان، مۇبارەكنىڭ ھەيكىلى، مۇبارەكنىڭ نامى بېرىلگەن كۇتۇپخانا قاتارلىقلارنى پەندىنپەي تازىلاشقا باشلىغان. ھەربىي تەرەپ يەنە نامايىشنى ئىنقىلاب دەپ بېكىتىشكە مەجبور بولغان، مۇبارەكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەرىكىتىدە قازا قىلغانلارنى قەھرىمان دەپ بېكىتكەن ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە نەپىقە پۇلى تارقاتقان.



4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىكى نامايىشتا، نامايىشچىلار تەنتاۋىنىڭ مۇبارەككە سادىق بولۇپ، خەلق تەرەپتە تۇرمىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. تەرتىپ ساقلىغاندا ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار توقۇنۇشۇپ قالغان. مىسىر سەھىيە مىنىستېرلىكىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى تەھرىر مەيدانىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا جەمئىي 1 ئادەم قازا قىلغان، 71 ئادەم يارىلانغان.
مەنبە : ئوكيان تورى
«ھايۋان»قىياپىتى
يېڭى دېھلى سوت مەھ
تېكساس ئىشتاتىدىك
كورىيە پايتەختى س
ئۆكتىچىلەر كازافى
گىرمانىيەنىڭ شىما
مىسىر تەھرىر مەيد
ئىران يادرو ئېلېك
سۇرىيە ساقچىلىرى
لىۋىيە توپىلاڭچىل
«ھايۋان»قىياپىتى
يېڭى دېھلى سوت مەھ
تېكساس ئىشتاتىدىك
كورىيە پايتەختى س
ئۆكتىچىلەر كازافى
گىرمانىيەنىڭ شىما
مىسىر تەھرىر مەيد
ئىران يادرو ئېلېك
سۇرىيە ساقچىلىرى
لىۋىيە توپىلاڭچىل